خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر كەلكۈنگە ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئاپەتتە بەش خىتاي ئۆلۈپ، ئون نەچچە خىتاي يوقاپ كەتكەن.

خىتاي پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئاپەت سەۋەبلىك خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان. بەزى رايونلاردا 23-ئاپرېل ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قاتتىق يامغۇر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇاڭدۇڭدا ياغقان قاتتىق يامغۇر دېڭىز ۋە دەريا سۈيىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۆزگەرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ كەلكۈننى «يۈز يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان ئاپەت» دەپ ئاتىغان.

گۇاڭدۇڭنىڭ چىڭيۈەن شەھىرىدىن تارتىلغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كەلكۈن سەۋەبلىك دەريانىڭ يېنىدىكى بىنالارنى سۇ بېسىپ كەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قاتتىق يامغۇر باشلانغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە جەمئىي 110 مىڭ خىتاي باشقا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارتىلغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 140 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1522 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2024 12:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق