ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلار بىگۇناھ خەلقكە ھۇجۇم قىلدى

ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلار بىگۇناھ خەلقكە ھۇجۇم قىلدى
24-سېنتەبىر ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاننىڭ چاتىسگار ئۆلكىسىدىكى ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلارنىڭ بومبا ھۇجۇمى نەتىجىسدە بىگۇناھ پۇقرالار جېنىدىن ئايرىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ چاتىسگار ئۆلكىسىگە قاراشلىق كانكەر رايونىدا ئىسيانچى، ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋالغان بومبىلار بىلەن نېفىت ئاپتوموبىلىنى پارتلىتىشى سەۋەبىدىن ئۈچ پۇقرانىڭ قازا قىلغان. چاتىسگار ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلى ئاۋاشتى كانكەر روئاگات يېزىسىدا قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋالغان بومبا بىلەن قىلغان ھۇجۇمىغان ئۇچراپ، ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ساقچىلار تېزلىكتە بىخەتەرلىك چەمبىرىكى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ماۋزېدۇڭنىڭ ئىنقىلابىي تارىخىنى ئوقۇپ ئىلھام ئالغان ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلار 1967-يىلىدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ شىمالىي، شەرقىي ۋە مەركىزىي رايونلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۆلكىلەردە قوراللىق ھەرىكەت قىلغان. ماۋزېدۇڭچى تېررورىستلار ھىندىستاندا كوممۇنىستلارنىڭ ئاتالمىش «قەبىلە خەلقلىرىنى ۋە نامراتلارنى تېخىمۇ كۆپ ھەق-ھوقۇققا ئىگە قىلىش» نامىدا خەلقنى ئالداپ، خەلقنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۈندىگەن.

بۇ خەۋەر 553 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2019 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق