تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى ھەققىدە مۇھىم ئۇقتۇرۇش

تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى ھەققىدە مۇھىم ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇھاجىر قېرىنداشلار! قولىدا تۈركىيەدە تۇرۇش روخسىتى (ئىقامەت) بولماسلىق سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن، تېز سۈرئەتتە تۈركىيەدە تۇرۇش روخسىتى (ئىقامەت) ئېلىش توغرىسىدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەركىزىنىڭ ھۆججەت چۈشۈرۈشى بىلەن، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان، ئەمما ئىلگىرى ھېچقانداق تۈردىكى تۈركىيەدە تۇرۇش روخسىتى (ئىقامەت) ئالالمىغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈركىيەدە تۇرۇش روخسىتى (ئىقامەت) بىكار بولۇپ كەتكەن، كۆچەنلەر ئىدارىسىدا ئىمزا قويۇۋاتقان، قانۇنلۇق تۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تۈركىيەدە ئىنسانىي تۇرۇش روخسىتى (ئىقامەت) ئىلتىماسى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، يەنى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:30 دىن 17:00گىچە قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش ئورنى: ئىستانبۇل شەھەرلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى (ۋەتەن جاددىسى يولىدىكى خىزمەت بىناسىدا)

ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋورد ھۆججىتىدىكى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ كېلىشى  تەۋسىيە  قىلىنىدۇ. 

تۈركىيەدە ئىنسانىي تۇرۇش روخسىتى (ئىنسانىي ئىقامەت) ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە تىزىملاتقان ۋە تىزىملاتمىغانلارنىڭ  ھەممسى 9- ئاينىڭ 7-كۈنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا بارسا بولىدۇ.

ئاخىرقى بىر ئاي ئىچىدە تۈركىيەدە ئىنسانىي تۇرۇش روخسىتى (ئىنسانىي ئىقامەت) ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئىلتىماس قىلغانلار قايتا كەلمىسىمۇ بولىدۇ.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

ھۆرمەت بىلەن :

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1649 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2019 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق