خىتاينىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرمە» قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرمە» قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

خىتايغا نەزەر تورى 30-ئىيۇل خەۋىرى: خىتاي خىزمەت نازارىتىنىڭ بىر مەخپىي ھۆججىتىدە ھەرقايسى تۈرمىلەرنىڭ «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئاتالمىش بىدئەت دىن مۇرىتلىرىنى ئۆزگەرتىپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈرمىلەرنى تېز سۈرئەتتە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرمە»گە ئۆزگەرتىپ، جىنايەتچىلەرنى 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

 

ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش

خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان «زىمىستان تورى» خىتاي مەركىزىي خىزمەت نازارىتى ۋە دۆلەت مەھكىمىسى خىزمەت نازارىتى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى تارقاتقان «تۈرمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاشقا ئالاقىدار تەكلىپ-پىكىرلەر» ناملىق قىزىل رەڭلىك مەخپىي ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالغان. زىمىستان تورى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر ھۆججەتنى تورغا يوللىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتايدىكى ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھۆججەتنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەر قايسى جايلاردا ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ھۆججەتتە: «تۈرمىلەر ئۇزۇندىن بۇيان پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى. ئەمما جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تۈرمە خىزمەتلىرى دەۋر بىلەن، شۇنداقلا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزىم ئىدىيەسى بىلەن ماسلىشىپ بولالمىدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ھۆججەتتە يەنە: «خىتاي سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قارا چاپلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. تۈرمىلەر ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن، بىدئەت دىنغا ئېتىقاد قىلغان، قارا جەمئىيەتكە قاتناشقان، جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ۋە جازا يېنىكلىتىش چەكلەنگەن جىنايەتچىلەرگە قارىتا قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەن مەزمۇنلار بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى تۈرمىلەرگە قارىتا سىياسەت جەھەتتىكى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلار، «بىدئەت دىن» دەپ قارىلىپ باستۇرۇلغان ئېتىقادچى ئاممىلار ۋە باشقا جىنايەتچىلەرنى قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە ھۆججەتتە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «تۈرمە تارماقلىرى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلارنى ئىدىيە جەھەتتىن، كۆز قاراش جەھەتتىن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسيالىزم يولىنى ئېتىراپ قىلىدىغان پۇقرالاردىن قىلىپ چىقىشى كېرەك».

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ھۆججەتتە قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك بولغان نۇقتىلىق جىنايەتچىلەر قاتارىدا «بىدئەت دىن» تۈرىدىكىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، تۈرمىلەرنىڭ بۇ تۈرلۈك كىشىلەرگە قارىتا ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

«ئۆزگەرتىش» دېگەن بۇ ئاتالغۇ فالۇن گۇمپىسى باستۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان. ئاتالمىش «ئۆزگەرتىش» بولسا فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىنى مەجبۇرلاپ، ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. كوللىكتىپ يوقىتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسى فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىغا يۈزلىگەن قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇپ «ئۆزگەرتكەن». دورا بىلەن نابۇت قىلىش، جىنسىي خورلاش، مەجبۇرىي قۇل قىلىنىش ۋە ئىچكى ئەزاسىنى تىرىك ئېلىۋېلىش قاتارلىق زىيانكەشلىك ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان. ھەتتا بۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغىچە كېڭەيتكەن.

فالۇن گۇمپىسى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن 20 يىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، 20 يىل مەجبۇرىي «ئۆزگەرتىلدى». «چىنلىق، ياخشىلىق، سەۋر»نى ئاساس قىلغان، بەش يۈرۈش يېنىك گۇمپا ئۇسۇلىغا ئىگە بولغان فالۇن گۇمپىسى باشتا خىتايدا قارشى ئېلىنغان. مەشق قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، 1999-يىلىغا كەلگەندە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان جياڭ زېمىننىڭ فالۇن گۇمپىسىغا ئۆچمەنلىكى قوزغىلىپ، ئۇنىڭغا «بىدئەت دىن» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

مۇستەقىل تاراتقۇلاردىن بولغان مىڭخۈي تورى دوكلاتلىرىدا «مېڭە يۇيۇش سىنىپى»، يەنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ئورنىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى بۇ يەردە فالۇن گۇمپىسىغا قارا چاپلاپ ئېيتىلغان تۈرلۈك يالغان-ياۋىداقلارنى مەجبۇرىي ئاڭلايدىغان بولۇپ، ئۇلارغا چارچىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۇخلىغىلى قويمىغان. تۈرلۈك سەپسەتىلەر ئارقىلىق روھىي جەھەتتىن قىينىغان، قىيىن-قىستاق، روھىي كېسەللىك دورىلىرى، جىنسىي خورلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تېنىنى نابۇت قىلغان. بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنى «فالۇن گۇمپىسى مەشق قىلىشتىن ۋاز كېچىش» ھەققىدىكى كاپالەتنامە، تۆۋىنامە، ئالاقىنى ئۈزۈش كاپالەتنامىسى قاتارلىقلارغا مەجبۇرىي ئىمزا قويغۇزۇشنى«ئۆزگىرىش» كۆرسەتكۈچىسى قىلغان.

زىمىستان تورى تاپشۇرۇۋالغان بۇ مەخپىي ھۆججەتتە تۈرمىلەرنىڭ ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مىڭخۈي تورىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۆزگەرتىش ئۈنۈمى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ۋە كەسپىي ئورگانلارنى تەكشۈرۈپ باھالايدىغان پىشاڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇنلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى تېخىمۇ قاتتىق بولغان باستۇرۇشقا دۇچ كەلگەن.

 

ئەقلىي  ئىقتىدارلىق تۈرمە

قىزىل باشلىق ھۆججەتتە يەنە تۈرمىلەرنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرمە» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئىنتېرنېت، سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆلچەملەشكەن، ئىلىم-پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئومۇمىيۈزلۈك توغرا بولغان، كەسپىي قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى، ئەقلىي سېگناللىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «ئەقلىي تۈرمە» قۇرۇلۇشىنى تېزلەشتۈرۈش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

گەرچە بۇ ھۆججەتتە ئەقلىي تۈرمىنىڭ تەپسىلىي ئىقتىدارلىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما گوگېل تورىدىن «ئەقلىي تۈرمە» ۋە «خىتاي» دەپ قوشۇپ ئىزدىگەندە، خىتايدىكى يەنچېڭ تۈرمىسىنىڭ سۈنئىي ئىدراكلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى كىرگۈزگەنلىكىگە ئائىت دوكلاتلار كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇلار بۇنى تۈرمىدىن قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى ۋە كەلگۈسىشۇناسلىق تورىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خېبېي ئۆلكىسى يەنجياۋجىن بازىرىغا جايلاشقان يەنچېڭ تۈرمىسى تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى  تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆزىتىش تېخنىكىسى شىركىتى بولغان تيەندى تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئەقلىي كۆزىتىش سىستېمىسى تۈرمىدىن قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جىنايەتچىلەرنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدۇ.

يەنچېڭ تۈرمىسىدىكى ھەر بىر كامېرغا تورغا ئۇلانغان كۆزىتىش كامېراسى ۋە يوشۇرۇن سېنزورلار ئورنىتىلغان بولۇپ، چىراي تونۇش، ھەرىكەتلەرنى سېزىش، ئورنىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئىلغار ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كامېرا ۋە سېنزورلاردىن يىغىۋېلىنغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ھەرقايسى جىنايەتچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختىماي كۆزىتىش ئارقىلىق، ھەرىكەت تەھلىلى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئارخىپلايدۇ. سىستېما جىنايەتچىنىڭ ھەرىكىتىنى بىنورمال دەپ ھۆكۈم قىلغاندا ياكى گۇمان قىلغاندا تۈرمە ساقچىلىرىغا سېگنال يوللايدۇ.

مەسىلەن: سىستېما مەلۇم جىنايەتچىنىڭ كامېردا توختىماي ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، ئۇنىڭدا گۇمانلىق ئەھۋال بار دەپ بەلگە قويىدۇ ۋە كۆزەتچىلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ.

دوكلاتتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆزىتىش سىستېمىسىدىكى بىر تال كامېرا بىرلا ۋاقىتتا 200 گە يېقىن كىشىنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئادەم قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەلۇم جىنايەتچىنىڭ ئورنىنى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى تولۇق ئىگىلىيەلەيدۇ. مەخسۇس خادىملارنىڭ كامېرانى كۆزىتىپ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.

بۇ خىل كۆزىتىش سىستېمىسى جىنايەتچىلەرنى ھەپتىدە يەتتە كۈن، 24 سائەت تولۇق كۆزىتىپ تۇرالايدۇ. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر توختىماي كۆزىتىپ تۇرۇشنىڭ كۆزىتىلگۈچىلەرگە بېسىم ۋە تەشۋىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك جىنايەتچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا خەتەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1212 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2019 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق