خىتاي خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى تاكتىكىلىرىنى قوللاندى

 

 

خىتاي خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى تاكتىكىلىرىنى قوللاندى

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان خوڭكوڭ خەلقى ئۆيىگە قايتىش جەريانىدا بىر توپ گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن 400 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭ خەلقى «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى»غا قارشى تۇرۇش، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەش قاتارلىق تەلەپلەر بويىچە نامايىش قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار ئۆيىگە قايتىش جەريانىدا قارا جەمئىيەتكە تەۋە يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. زوراۋانلار كالتەك قاتارلىق قوراللار بىلەن نامايىشچىلارنى ۋە بىر قىسىم مۇخبىرلارنى قوغلاپ ئۇرغان. بۇ جەرياندا 45 كىشى يارىلانغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بۇ ۋەقەدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولى بارلىقى پەرەز قىلىنغان.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى زوراۋانلىق ھۇجۇمىنىڭ بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقانلىقىنى، ئەمما ساقچىلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ توسمىغانلىقىنى، قەستەن كۆرمەسكە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ساقچى دائىرىلىرى بۇلارنى ئىنكار قىلغان.

 

بۇ خەۋەر 5397 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2019 21:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق