زەيتىنبۇرنۇدا ئورتاق مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

 

18-ئاپرېل توپكاپى كۈلتۈر مەيدانىدا ئورتاق مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق مىللىي مائارىپ مۇدىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

پائالىيەتتە يەنە، پەرزەنتلىرىمىز ساما ئۇسۇلى قاتارلق ئويۇنلارنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاخىرىدا پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان 52 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە زەيتىنبۇرنۇدىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر پولۇسى بىلەن مېھمان قىلىندى.

بۇ خەۋەر 4782 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2019 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق