ئىراندا غايەت زور مىقداردىكى يېڭى نېفىت زاپىسى بايقالدى

ئىراندا غايەت زور مىقداردىكى يېڭى نېفىت زاپىسى بايقالدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، غايەت زور كۆلەمدىكى يېڭى نېفىتلىكنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ نېفىتلىك ئىراننىڭ خۇزىستان ۋىلايىتدە بولۇپ، كۆلىمى 2400 كىۋادرات كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 80 مېتىر كېلىدىكەن. نېفىت زاپىسى بولسا 53 مىليارد تۇڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇرۇنقى نېفىت زاپىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.
رۇھانىي بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە بۇ يېڭى نېفىتلىكنىڭ بايقىلىشى ئىران ئۈچۈن خۇش خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1235 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2019 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق