ئامېرىكا پاكىستانغا ياردەم قىلغان ئۈچ خىتاي شىركىتىنى جازالىدى

ئامېرىكا پاكىستاننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا قاتناشقان تۆت ئورۇننى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىتاي شىركىتىمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 19-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا ئالاقىدار بۇيۇملارنى تەمىنلەشكە قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك، ئۈچ خىتاي شىركىتى ۋە بىر بېلارۇسىيە شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جازالاش تەستىقلانغان تۆت شىركەت بولسا خىتاينىڭ شىئەن لۇڭدې تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، تيەنجىن ئىجادىيەت مەنبەسى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ۋە بېيجىڭ گۇخۇڭ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە بېلورۇسىيەدىكى مىنسك چاقلىق تىراكتور زاۋۇتى ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەسيۇ مىلېر جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلارنىڭ پاكىستاننىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، خەتەرلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشىگە ماددىي جەھەتتىن ھەسسە قوشقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ جازالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىلېر باياناتىدا يەنە: «ئامېرىكا ھەرىكەت قوللىنىپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان خەتەرلىك قوراللارنى كېڭەيتىش، سېتىۋېلىش تورىنى قوللايدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، خەتەرلىك قوراللارنىڭ يەر شارىغا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچىمەكتە» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى ئاساسلىق قورال ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شىئەن لوڭدې تېخنىكا شىركىتى پاكىستاننى يىراق مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1261 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2024 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق