خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ شەرتىگە بويسۇندى

خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ شەرتىگە بويسۇندى

7-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ شەرتلىرىگە كۆنگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈپ، سودا ئۇرۇشىدا يولغا قويغان تاموژنا بېجىنى باسقۇچلار بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرتلىرىنى قاچان ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپ سودا سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېملارنىڭ بىرى تاموژنا بېجىنى ئازايتىش بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كېلىشم ھاسىل قىلىنمىغان. ئەگەر خىتاي ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە كۆنسىلا، ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا قويۇۋاتقان قوشۇمچە باجنى قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن.
ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى خىتاينىڭ دائىم ئۆزىنىڭ دېگىنىدە تۇرمايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نامۇۋاپىق يوللار بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە قولىنى ئۇزارتىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن باسقۇچقا بۆلۈپ تامۇژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كۆپەيتىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 473 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2019 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق