ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
26-سېنتەبىر ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 20 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئامبون رايونىدا ئېغىر بولغانلىقى، يىقىلغان ئۆيلەرنىڭ ئاستىدا قالغان 20 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن رايوندىكى ئونلىغان ئۆي، دۆلەت بىنالىرى ۋە بىر كۆۋرۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئاپەت رايونىدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ھازىرغىچە 54 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن. يېقىندىن بېرى ھىندونېزىيەدە ئارقا-ئارقىدىن يەر تەۋرىگەن بولۇپ، سائۇملاكى رايونىدىمۇ 22-سېنتەبىر 6.4 بال يەر تەۋرىگەن. مالۇكۇ ئۆلكىسىنىڭ تېرناتې رايونىدا 14-ئىيۇل 7.3 بال يەر تەۋرەپ، ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ خەۋەر 736 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2019 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق