يېڭى ھازار جەمئىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

يېڭى ھازار جەمئىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى 

يېڭى ھازار جەمئىيىتىدە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ۋە مېھرىبان ئانىلار گۇرۇپپىسى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن فىلىم كۆرسىتىلدى. شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ۋە ھەرخىل يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرك خەلقىگە يامان كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش ۋە خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا قارشى تۈرك خەلقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ھەققىدە تەكلىپلەرنى بەردى.

پائالىيەتتە يەنە پىسخولوگ شاھادەت خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش  سىياسەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇشتا قانداق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش ھەققىدە بىر قاتار تەكلىپلەرنى بەردى

بۇ خەۋەر 1505 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2019 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق