ئامېرىكا تەيۋەن ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا تەيۋەن ھەققىدە قارار ماقۇللىدى
27-سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋازى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پالاتاسى «تەيبېي قانۇن تەكلىپى» تەستىقلاپ، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىپ، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ تاشقى ياردىمىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ بېيجىڭدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن «تەيبېي قانۇن تەكلىپى» ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ بىر خىتاي پىرىنسىپىغا، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي ھالدا قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گىڭ شۇاڭ باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنى بىر خىتاي پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشقا ۋە قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى تۈنۈگۈن «تەيبېي قانۇن تەكلىپى»نى ماقۇللاپ، «ئىتتىپاقداش تەيۋەننى خەلقئارادا قوغداش ۋە ياخشىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قانۇن تەكلىپى»نى رەسمىي قوبۇل قىلغان. بۇ قانۇن تەكلىپىگە ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەننى دىپلوماتىك جەھەتتە ئېتىراپ قىلىدىكەن ھەمدە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىپ، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ تاشقى ياردىمىنى توڭلىتىپ قويالايدىكەن ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىكەن.

بۇ خەۋەر 545 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2019 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق