ب د ت نىڭ خىتايغا يان باسقانلىقى ئاشكارىلاندى

ب د ت نىڭ خىتايغا يان باسقانلىقى ئاشكارىلاندى
«ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 6‏-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بار 100 نەچچە تەشكىلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا سولىغانلىقىغا دائىر بىر شىكايەتنامىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، مەزكۇر شىكايەتنامە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تاپشۇرۇلغان. بىراق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەزكۇر شىكايەتنامىنى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلمىغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 8‏-ئايدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلىتقا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتايغا يان بېسىش قىلمىشىغا ئارىلىشىشىنى، خىتاينىڭ ب د ت دىكى زومىگەرلىكىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە يوللانغان شىكايەتنىڭ توردا ئېلان قىلىنىشىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
بۇ يىل يازادا بىرازىلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ھىندىستان، پاكىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، ھىندونېزىيە، ئەنگلىيە، نىگېرىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 135 تەشكىلات ئىمزا قويغان شىكايەتنامىدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېتقا خىتاينىڭ ب د ت قائىدە-تۈزۈملىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ب د ت دا كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشىغا كاشىلا چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەشكە چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 681 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2019 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق