نيۇيوركتا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

خوڭكوڭ ئەركىن گېزىت تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن نيۇيورك شەھىرىدە 300گە يېقىن پائالىيەتچىلەر يىغىلىپ، خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىشقا ئەركىن تەيۋەن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قاتناشقان بولۇپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىش، خوڭكوڭنى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئازاد قىلىش، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا خىتايغا قارشى شوئار توۋلانغان.
پائالىيەتچىلەر يەنە يۈرۈش قىلىپ، خىتاينىڭ نيۇيوركتىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغىچە بارغان ۋە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2019 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق