خىتاي ھەققىدە «قارا تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىندى

خىتاي ھەققىدە «قارا تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىندى

زىمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان «خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى قارا تاشلىق كىتاب» ئىتالىيەدە نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر كىتاب زىمىستان تورىدا ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دوكلات ۋە ماقالىلەرنىڭ توپلىمى بولۇپ، خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى يورۇتۇپ بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئاپتورى ماسىمو ئىنتروۋىين (Massimo Introvigne) خەلقئاراغا داڭلىق دىن جەمئىيەتشۇناسلىقى ئالىمى بولۇپ، ھازىر «زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىكەن.
كىتابتا كوممۇنىزمنىڭ ئاللىبۇرۇن ئەسەر-ئەتىقىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بارلىق دىنغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان بۇ تۈزۈلمىدىن ۋاز كەچمەي تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبلىك ھەرقايسى دىنلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەركۇر كىتابتا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان دىنلار ئۈچ خىل تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلار قىزىل دەرىجىگە ئايرىلغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ دىنلارنى ئىچكى جەھەتتىن قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرغانلىقى، فالۇن گۇمپىسىغا ئوخشاش دىنلارنى بولسا «بىدئەت دىن» دېگەن نام ئاستىدا ئاشكارا باستۇرۇپ كەلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىۋاتقان ۋە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 1004 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2019 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق