ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئېنىقلايدىغان سۈنئىي ئىدراك سۇپىسى ياسالدى

مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان سۈنئىي ئىدراك سۇپىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىككى يىلغا يېقىنلاشقان بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى ھەپتە يېڭى سۈنئىي ئىدراك قورالى تەتقىق قىلىپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ قورال ئارقىلىق مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بار تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «تەمىنلەشنى ئىز قوغلاش» (Supply Trace) ناملىق قورال بولسا ئېچىۋېتىلگەن سۈنئىي ئىدراك سۇپىسى بولۇپ، بوستونغا جايلاشقان شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلەشمە تۈرى ئىكەن.

مەسئۇل خادىملار مەزكۇر سۇپا ئامېرىكا ئاۋازىغا مەلۇمات بېرىپ: «بۇ قورال سىناق باسقۇچىدا ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئىز قوغلاشقا ئالاھىدە مەركەزلىشىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە باشقا رايون ۋە كەسىپلەرگە كېڭەيتىش پىلانلاندى» دېگەن.

«تەمىنلەشنى ئىز قوغلاش» سۇپىسىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغان شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ياردەمچى پىروفېسسورى شاۋن بىمانىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قورال ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا قانۇنلارغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئاساسەن ياسالغان. بۇ ئۈسكۈنە كىيىم-كېچەك تىرانسپورتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سىستېمىلىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن.

شاۋن بىمانى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا: «بۇ سۇپا تەمىنلەش زەنجىرىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى سېخىمىسىغا ئالدىنئالا ۋە ئۈزلۈكسىز ئېرىشەلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەرقلەندۈرۈشنى تۈزۈملەشتۈرۈشتە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن ۋە بۇ سۇپىنى شىركەتلەر، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر، ئىستېمالچىلار، ئاكادېمىكلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 6-ئايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. ئەگەر خىتاي شىركەتلىرى ۋە باشقا شىركەتلەر مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن تەقدىردە، مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىشى چەكلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1647 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2024 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق