ئابلىكىم يۈسۈپ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم سورىدى

ئابلىكىم يۈسۈپ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم سورىدى

بۈگۈن ڧېيسبۇكتا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستانلىق ئابلىكىم يۈسۈپ قاتار دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم سورىغان.
ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئابلىكىم يۈسۈپ قاتار دائىرلىرى تەرىپىدىن دوھا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى، قاتار دائىرلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، قىيىن-قىستاقلارغا دۇچ كەلگەندىن باشقا، جازا لاگېرىغا قامىلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىپ، قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلتىجا قىلغان.
ئابلىكىم يۈسۈپ ئەسلى پاكسىتاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا پاكىستاندا خىتايغا تاپشۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قاتار ئاۋىئاتسىيەسى ئارقىلىق پاكستاندىن قېچىپ چىقىپ، ئۆزىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن قاتار خەلقئارا ئايرودرومىغا چۈشكەندە قاتار دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان

بۇ خەۋەر 1152 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2019 22:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق