ھىندىستان خىتايغا قارشى يېڭى ئىقتىسادىي پىلان تۈزۈپ چىقتى

ھىندىستان خىتايغا قارشى يېڭى ئىقتىسادىي پىلان تۈزۈپ چىقتى

ئىقتىساد ۋاقىت تورىنىڭ 1-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان يېڭى ئىستراتېگىيە پىلانى ئارقىلىق خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرالىدخاران قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھىندىستان بىلەن قويۇق ھەمكارلىقى بارلىقىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبارلىق قەرز تۈرى لايىھەسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە، قاتناش-تىرانسپورت، ئۇچۇر-ئالاقە، يېزا-ئىگىلىك، سەھىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم كوزۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇرالىدخاران بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر لايىھەنىڭ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 63 دۆلەتكە كېڭەيگەن 279 قەرز تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 28 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە 4.7 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستاننىڭ مەزكۇر لايىھەسى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەركۇر ئىقتىسادىي كارىدور ھىندىستان ۋە پاكىستان ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايون بولغان جاممۇ ۋە كەشمىر رايونىدىن كېسىپ ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارالغان.

بۇ خەۋەر 837 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2019 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق