خىتاي سىرىلانكىنى كۆپلەپ ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي سىرىلانكىنى كۆپلەپ ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

يېڭى ھىندى خەۋەر تورىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سىرىلانكىغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا شى جىنپىڭ سىرىلانكا پىرېزىدېنتى مايسىرپالاغا خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت سىرىلانكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، تېررورىزىمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا سىرىلانكا پىرېزىدېنتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، سىرىلانكا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۈچۈن ئىككى مىليارد 600 مىليون سىرىلانكا رۇپىسى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ساقچى قىسىم ئۈچۈن بىر يېرىم مىليارد رۇپى قىممىتىدىكى جېپ ماشىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن سىرت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى ھەمكارلىقى ھەققىدىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 735 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2019 01:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق