ئالجىرىيە ئوقۇغۇچىلىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى



8-ماي ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالجىرىيە ئوقۇغۇچىلىرى سابىق پىرېزىدېنت ئابدۇلئەزىز بۇتېفلىكا ھاكىمىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
خەۋەردە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالجىرىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان مەركىزىي پوچتىخانا مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا پۇقرالارمۇ قاتناشقان نامايىشتا ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئابدۇلقادىر ئىبنى سالىھ ۋە نۇرەددىن بەدەۋىي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئار توۋلانغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە ھاكىمىيەتتە مۇرەسسە قىلالايدىغان، دۆلەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ياخشىلىيالايدىغان بىر كىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، نامايىشنى رامىزان ئاخىرلاشقۇچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، ئىبنى سالىھنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن ئېلان قىلغان 4-ئىيۇل كۈنىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
نامايىشقا يەنە ئالجىرىيەنىڭ ساتىف ۋە بىجايە قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرستېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇتېفلىكا ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان بەزى كىشىلەرگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە ئالجىرىيەدە سابىق پىرېزىدېنت بۇتېفلىكانىڭ تەخمىنەن بىر يېرىم ئاي داۋاملاشقان نامايىشلار ۋە ئارمىيەنىڭ «ئاگاھلاندۇرۇشى» نەتىجىسىدە بۇ يىل 2-ئاپرېل ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق نامايىشلارنىڭ داۋام قىلغانلىقى، پالەچ بولۇپ قالغان بۇتېفلىكانىڭ دۆلەتنى ئىنىسى سەئىد بۇتېفلىكا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى دۆلەت ئازادلىق ئارمىيەسى، ھۆكۈمەتكە يېقىن سودا-سانائەتچىلەر گۇرۇھى ۋە ئارمىيەدىكى بەزى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ بۇلارنى بۇتېفلىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراپ، نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1653 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2019 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق