نىقاپ چەكلەش قانۇنى خوڭكوڭدىكى نامايىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى

نىقاپ چەكلەش قانۇنى خوڭكوڭدىكى نامايىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى «نىقاپ چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي تەستىقلىغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدىكى نامايىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان.
خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن (جۈمە) جىددىي يىغىن چاقىرىپ، نامايىشچىلارنىڭ نىقاپ تاقىشىغا قارىتا «نىقاپ چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي تەستىقلىغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خوڭكوڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش قايتىدىن ئەۋجىگە چىققان. غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار كوچىلارغا ئوت قويۇپ، مېترودىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى بۇزۇۋەتكەن. ساقچىلار بولسا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
يېڭى قانۇنغا ئاساسەن نامايىشچىلار يۈزىگە نىقاپ تاقاشقا بولمايدىغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. نامايىشلاردا ساقچىلارنىڭ نىقاپنى ئالغۇزۇۋېتىش ھوقۇقى بولىدىكەن.
نەچچە ئايدىن بېرى نامايىشقا چىقىۋاتقان خەلقنىڭ كۆپىنچىسى نىقاپ ياكى ماسكا تاقاپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. يەنە بىر قىسم نامايىشچىلار بومبىلارنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماسكا تاقىۋالغان.
خەۋەردە يەنە پات يېقىندا تېخىمۇ كۆپ نامايىشنىڭ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2019 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق