خوڭكوك ھۆكۈمەت بىناسى تاقالدى

خوڭكوك ھۆكۈمەت بىناسى تاقالدى

 

13-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىخەتەرلىك سەۋەبلىك ھۆكۈمەت مەركىزىدە ئىككى كۈن خىزمەت توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خوڭكۇڭ تۆمۈر يولى ئىدارىسى بۈگۈن ئەتىگەن سائەت بەشتە جىنجۇڭ ۋوگزالىنىڭ نورمال خىزمەت باشلايدىغانلىلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن تۆمۈر يولنى رېمونت قىلىش سەۋەبى بىلەن قاتناش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. 12-ئىيۇن نامايىشچىلار بىلەن توشقان يول ۋە مەيدانلار 13-ئىيۇن تىنچلانغان. نامايشىچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 72 كىشى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 41 كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان، 19 كىشىنىڭ ئەھۋالى مۇقىملاشقان بولۇپ، يەنە 10 كىشى جىددىي داۋالىنىۋاتقان.

خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى شوپۇرىنىڭ بېشىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تېگىپ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن سەزگۈسىنى يوقاتقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خوڭكوڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇنجىن شېئىن نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، كاۋچۇك سۇيۇقلىغى قاتارلىق قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ قوراللار يېقىن ئارىلىقتىن ئىشلىتىلسە جان ئالىدىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ خەلق توپىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ دائىرىلىرى تېلېۋىزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، جىنجۇڭ رايونىدىكى خەلق بىلەن ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشىنى نامايىشچىلارنىڭ يوللارنى قامال قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، «زوراۋانلىق» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە ئەگەر تەلۋىلەرچە، زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىشنى ئويلاشنىڭ خوڭكوڭغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى تازىلاش داۋامىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغانلىقىنى، 15 مۇخبىر ئۆزىنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىنى ئسپاتلاپ، خىزمەت كېنىشكىسىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ پەرۋا قىلماي مۇخبىرلارنى ئىتتىرىپ قوغلىغانلىقىنى، كۈچلۈك نۇر بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سىن ۋە رەسىمگە تارتىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

https://www.dw.com/zh/%E9%A3%8E%E6%9A%B4%E5%90%8E%E7%9A%84%E5%AE%81%E9%9D%99-%E9%A6%99%E6%B8%AF%E7%A4%BA%E5%A8%81%E6%B0%91%E4%BC%9772%E4%BA%BA%E5%8F%97%E4%BC%A4/a-49168768

 

بۇ خەۋەر 5539 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2019 09:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق