ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (5)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى

(5)

 

 

 

ئەمگەك قىلماي ھالاۋەت يوق، ئىناق بولماي سائادەت يوق.

ئەمىلىڭ بىلەن ئاتالغۇچە، بىلىمىڭ بىلەن ئاتال.

ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن يالغۇز قالار.

پاراسەت بولسا، قىلدا پىل باغلىيالايسەن.

پارا يېگەن كىشىنى، قۇرت يەپتۇ چىشىنى.

پاشىنىڭ ئۇۋىسى يوق، پەسنىڭ مىللىتى.

پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ يېرىلىپ كېتىپتۇ.

پاكىت ئالدىدا پىلمۇ ئوسۇرۇپتۇ.

پالتاڭ ئىتتىك بولسا، قولۇڭغا تەس كەلمەس.

پالتىنىڭ سېپىغا موزاي تېزەكلەپتۇ.

پالۋان ئۆكتەم كېلىدۇ، باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ.

پالۋان يىقىتسا يۆلەپ قويار.

پايپاققا ناھال قاققاندەك، ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك.

پايدا دېسە بۈرگىدەك، زىيان دېسە سازاڭدەك.

پايدىسىز كېلىشىمدىن پايدىلىق جېدەل ياخشى.

پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان.

پەخەس بولغىن دوستۇڭغا، كىرىۋالار پوستۇڭغا.

پەرداز تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە.

پەرزەنتنىڭ جېنى تەڭرىدىن، تېنى ئاتا-ئانىدىن، ئىستىقبالى مەرىپەتتىن.

پەزىلەتنىڭ بۇلغىنىشى بەختسىزلىكنىڭ يىلتىزى.

پەننى سۆيگەن زار بولماس، ئەلنى سۆيگەن خار بولماس.

پولات تاۋلىنار پىچتا، ئىشچان تاۋلىنار ئىشتا.

پولات ئوتتا تاۋلىنار، ئادەم مېھنەتتە تاۋلىنار.

پولۇغا چامغۇر، سۇيۇقئاشقا زەردەك.

پۇتىدىن يىقىلغان تۇرار، تىلىدىن يىقىلغان تۇرالماس.

پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا.

پۇتۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارىما، يولۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارا.

پۇتى چاققان ئاش تاپار، ئاغزى چاققان ئىش تاپار.

پۇتى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.

توخۇ ئۇچسا تامغا قونىدۇ، لاچىن ئۇچسا تاغقا قونىدۇ.

پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، تىل يۈگۈرۈكى باشقا.

پۇقرا ئالدىڭغا كەلسە، ئەمىلىڭنى تاج قىلىپ قاقما.

پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ دېسە قىزىقما.

پۇل ئالساڭ ساناپ ئال، ئېشەك ئالساڭ مىنىپ ئال.

پۇل بايغا ئاقار، سۇ سايغا ئاقار.

پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا، پۇل بولمىسا بازاردا توۋا.

پۇل بېرىپ ئۆي ئالغۇچە، ئالتۇن بېرىپ قوشنا ئال.

پۇل تاپقۇچە ئەقىل تاپ، ئۆز ئىشىڭغا كېپىل تاپ.

پۇل تاپقۇچە بىرلىك تاپ.

پۇل دوستنى دۈشمەن قىلۇر، دۈشمەننى دوست قىلۇر.

پۇل دېسە توكۇرمۇ ئۇسسۇلغا چۈشەر.

كىشىنىڭ ئەيىبىنى كوچىلىغۇچە، بۇرنۇڭنى كوچىلا.

پۇللۇق نادانلار بولغان، پۇلسىز دانالار بولغان.

پۇل نەگە بارىسەن؟ تۇغقاننى يات قىلغىلى بارىمەن.

پۇلنى تاپ جاسارەتتە، پۇلنى خەجلە پاراسەتتە.

پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە.

پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن.

پۇلۇڭ بار بېرىپ ئۆت، پۇلۇڭ يوق كۆرۈپ ئۆت

پۇلۇڭغا بېقىپ خەج قىل، ئېھتىياجغا بېقىپ قەرز قىل.

پۇلۇڭ كۆپەيگۈچە، دوستۇڭ كۆپەيسۇن.

پۇلۇڭ يۈزگە يەتكۈچە، دوستۇڭ يۈزگە يەتسۇن.

پۇلى بار بازارغا ئامراق، پۇلى يوق مازارغا ئامراق.

پۇلى باردا يېقىن ئاغىنە، پۇلى يوقتا نېرى ماڭغىنە.

پۇلى بار كۈندە كۆرۈشۈپتۇ، پۇلى يوق كۈندە ئۇرۇشۇپتۇ.

پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.

پۇلى تۈگىگەندە پوقىنى سىلاپتۇ.

پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر تولا.

پېشىڭ ئۇزارسا پۇتلاشقىنىڭ شۇ، گېپىڭ ئۇزارسا دۆتلەشكىنىڭ شۇ.

پېلەككە ئالدىنىپ خەمەكسىز قاپتۇ.

پىتنە-پاسات بەتلەگلىك مىلتىقتىن يامان.

پىتنە-ئىغۋا كۆپ بولسا، ئوڭ ئىش تەتۈرگە ئايلىنار.

پىچاقنى ئۆتكۈر قىلغان گاڭ، ئادەمنى ئۆتكۈر قىلغان ئاڭ.

پىچاق ھەرقانچە ئۆتكۈر بولسىمۇ، ئۆز سېپىنى كەسمەس.

پىچاق يارىسى ئۇنتۇلار، دىل يارىسى ئۇنتۇلماس.

پىچىقىڭ ئۆتكۈر بولسا، ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق.

پىلانچى پىلانلىغۇچە، تەۋەككۇلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ.

پىلدەك دۇنيادىن قىلدەك بىلىم ئەلا.

پىياز پوستى بىلەن، ئادەم دوستى بىلەن.

تاپقاندا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، تاپالمىغاندا قاراپ ئولتۇرۇڭ.

تاپقىنى قوي ئۆلتۈرۈپتۇ، تاپالمىغىنى چۈجە خوراز، تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈپتۇ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز.

تاپماي تۇرۇپ يېمە، بىلمەي تۇرۇپ دېمە.

تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرار.

تاج كەيسەڭ، كونا تۇمىقىڭنى ئۇنتۇما.

تارازىنى لىللا تۇت، ساڭا ياغار بەخت-قۇت.

تارالمىغان چاچنىڭ زىننىتى يوق، دوستسىز ھاياتنىڭ قىممىتى يوق.

تارتىنساڭ گېپىڭ قالۇر، ئېرىنسەڭ ئىشىڭ قالۇر.

تارغا تار دۇنيا، كەڭگە كەڭ دۇنيا.

تارىمىغان چاچنىڭ زىننىتى بولماس، چاقىرمىغان مېھماننىڭ ئىززىتى بولماس.

تازنى ئاپتاپتا قىستا.

تازنىڭ كۆزى چاچتا، يېتىمنىڭ كۆزى ئاشتا.

تاش بىلەن ياڭاق تەڭ بولماس.

تاش كىچىك بولسىمۇ، مىڭ ياڭاقنى چاقار.

تاشنى ئەزسە قۇم بولۇر، تۆمۈرنى سوقسا قىل بولۇر.

تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ.

تاغدەك يامانلىقنى تېرىقتەك ياخشىلىق يېڭىپتۇ.

تاغدىن يىقىلغان ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل نەزىرىدىن يىقىلغان يامان.

تاغنى تەۋرىتىش ئاسان، ئىرادىنى تەۋرىتىش قىيىن.

تاغنى كۆتۈرگۈدەك كۈچۈڭ بولغۇچە، قىلنى يارغۇدەك دىتىڭ بولسۇن.

تاغ ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسالماس.

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى، تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى.

تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ.

تامىقىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ.

تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن ئۆتەر.

تەختىڭ كەتسە كەتسۇن، بەختىڭ كەتمىسۇن.

 

 

 

بۇ خەۋەر 2044 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2019 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق