شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرسىز بازار، ئۇيغۇرسىز دۇكانلار كۆپەيمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قايناق بازارلاردا ئۇيغۇرلار ئازىيىپ قالغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەن.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدا ھەمبەھرىلىگەن سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىللىق روزا ھېيت مەزگىلدىمۇ كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىدا ئۇيغۇرلار ئازلاپ قالغان، ھەتتا بەزى بازار، رەستىلەر ئۇيغۇرسىز بولۇپ قالغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى سىن مايتاغدا تارقىتىلغان بولۇپ، دۇكاندارلار: «ھېيت بازىرىدىمۇ ئادەم كۆرۈنمەيدۇ، ئادەملەر باشقا پىلانېتقا كۆچۈپ كەتتىڭلارمۇ نېمە!؟ تارىختا كۆرۈلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ماللارنى ئەكېلىپ قويساق كىيىم ئالدىغان ھېچكىم يوق، كىيىم كىيمەي يوپۇرماقتا يۆگىنىپ يۈردىڭلارمۇ؟» دېگەن ئاچچىق تەنە قىلغان.

ئۈرۈمچىنىڭ كونسۇل كوچىسىدىن تارتىلغان سىنلاردا بولسا ھېيت ھارپىسىدا ئادەملەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى كۆرۈنىدىغان بولۇپ، سودىگەر بازارنىڭ ئادەمسىز، ئۇيغۇرسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ: «يېتىشمەي قالمىسۇن دەپ مالنى تولۇق ئەكەلگەن ئىدىم، ئەمما...» دېگەن ۋە چۆلدەرەپ قالغان كوچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «كونسۇل كوچىسىدا ئادەملەر بەك كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. نېمىدېگەن مىغ-مىغ ئادەملەر بۇ!» دەپ تەنە قىلغان.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قەشقەردە تارقىتىلغان بىر سىندا ھېيتقا ئىككى كۈن قالغان بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرىكى ھېيتنىڭ ھارپىسىدا قايناق بازار بولىدىغان بازار، دۇكان ۋە كوچىلارنىڭ ئۇيغۇرسىزلىشىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

خىتاي بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتەك رەزىل مەقسىتى بىلەن، ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونىنى يېڭىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلارغا سۈرگۈن قىلغانىدى، مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆي-ئىمارەتلەر، ھويلا-ئاراملارنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا بىر قىسىم تارىخىي بازارلارنى چېقىپ، تۈزلىۋەتكەن ياكى تاقىۋەتكەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي ئىزلارنى، مەھەللە، قوشنىدارچىلىق كۈلتۈرىنى ۋە بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول ۋە نازارەت قىلىش، نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رەزىل مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى، ئاخىردا شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك يۇتۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 2277 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2024 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق