خوڭكوڭ رەئىسى خەلقتىن كەچۈرۈم سورىدى

خوڭكوڭ رەئىسى خەلقتىن كەچۈرۈم سورىدى

ۋال كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» مەسىلىسىدە خوڭكوڭ رەئىسى لىنجىن يۆئې خەلقتىن كەچۈرۈم سورىغان.
خەۋەردە خىتاي ئاستىرتتىن قوللىغان «تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى»نىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى، بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق نامايىشىنىڭ خىتاينى قاتتىق چۆچۈتكەنلىكى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ جان تىكىپ قىلغان قارشىلىقىنىڭ خوڭكوڭ ئەمەلدارىنىڭ «تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونى رەئىسى لىنجىن يۆئېنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقتىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى، بىراق خەلقنىڭ ئىستېپا بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ: «قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەر بار » دېگەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورىغان سۆزلىرىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى باسالمىغانلىقى، نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان خەلقنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ، خوڭكوڭنىڭ مۇھىم مەركىزىي كوچىلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

بۇ خەۋەر 5405 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2019 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق