خىتاي زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، زەھەرلىك چېكىملىكنى ۋاسىتە قىلىپ قوللانغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، زەھەرلىك چېكىملىكنى يەنە بىر ۋاسىتە قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم فېيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلىگەن بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر ياش موخوركىغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئادەم چەككەندىن كېيىنلا قېتىپ قالىدىغان بىر خىل زەھەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يېقىندا غۇلجىدا ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇيۇقسىز قېتىپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، كەچتە ساق-سالامەت ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ياشلارنىڭ ئەتىسى ئۆلۈكى چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى موخوركىغا ئوخشاش بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك پەيدا بولغانلىقىنى، بۇنى چەككەندىن كېيىن ئىش خۇشياقمايدىغان بوشاڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خۇمار قىلىدىغان بۇ خىل موخوركىنى كۆپرەك چەككەنلەرنىڭ قېتىپ قالىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى چىڭ تۇتۇشى، بولسا بۇ خىل زەھەرلىك چېكىملىكنى ساتقۇچىلارنى پاش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ياشنىڭ ئېيتىشىچە، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ھەيدەيدىغان بىر يېقىنى ئۇنىڭغا: «موخوركىغا ئوخشاپ كېتىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن 15 ئۇيغۇر بالىنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ باردىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 12 سى ئۆلۈپ كەتتى» دېگەن.

خىتاي كەيپ-ساپا، زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كېرەكسىز قىلىپ قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، دۇكىنىدا ھاراق، تاماكا ساتمىغانلارنى، ھەتتا ساتماسلىقنى تەۋسىيە قىلغانلارنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دىنىي ئەسەبىي» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ ئېغىر جازالىغانىدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق يېزا كەنتلىرىگە قاۋاقخانا، پاھىشخانىلارنى كۆپەيتىش، زەھەرلىك چېكىملىكنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلغانىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، خۇسۇسەن ياشلارنى زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ۋەيران قىلىش جىنايىتىنىڭ تارىخى ئالدىنقى ئەسىرگە سوزۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلار، خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يامرىشىنى بىر قوللۇق پىلانلاپ كەلگەن ۋە بۇنى توسۇشقا تىرىشقانلارنى، خۇسۇسەن ئالىم-ئۆلىمالارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالاپ كۆزدىن يوقاتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2442 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2024 11:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق