دوكلات: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى داۋاملىق ئېغىرلاشماقتا

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2023-يىللىق ئومۇمىي دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلاشقانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرى قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 24-ئاپرېل دۇنيا مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا «2023-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا 155 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى باھالاپ چىقىلغان.

«2023-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى»دا خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلار ئالتە بەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ ئىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي داۋاملىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سۆز قىلىش، يىغىلىش ۋە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن.

دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىي ھوقۇقلارنى ئېغىر دەپسەندە پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرى، ژۇرنالىستلار، ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق باستۇرغان.

شۇ كۈنى تەيبېيدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەن شۆبىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى مۇستەبىتلىك ھەرىكىتىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ھەققىدىكى بايانلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ كۆزىتىش قىلمىشى داۋاملىق ئېغىرلاشقان بولۇپ، ھەتتا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەندىكى مەزكۇر يىغىنىمۇ گۇمانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن چەت ئەلگە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش پىكرىنى كېڭەيتىلىپلا قالماستىن، بەلكى باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەردە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ كۈچىيىشىگە مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2023-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقىغا پەرۋا قىلمىغان ھالدا، شىمالىي كورىيەدىن خىتايغا قېچىپ كەتكەن 500 دىن ئارتۇق كىشىنى مەجبۇرىي شىمالىي كورىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىگىمۇ پەرۋا قىلمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2507 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2024 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق