ش ت ت ب ھەيئىتى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى
22- نويابىر ش ت ت ب رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى ھېلسىنكىگە يېتىپ كەلدى
ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى ھېلسىنكىدە ئەڭ قەدىمكى خەلقلەردىن بىرى بولغان فىنلاندىيە تاتار ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى.
زىيارەتتە، ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ئىسلام جەمئىيىتى ئەزالىرى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ھەيئەت يەنە فىنلاندىيە زىيارىتى جەريانىدا فىنلاندىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا زىيارەتتە بولدى.
ھەيئەتنى تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بۇرجۇ بۇمىن تىبەت خانىم ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان باش ئەلچى مەسلىھەتچىسىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشىكىلاتلار بىرلىكى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ھەيئەت بۈگۈن يەنە ھېلسىنكىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋىنى زىيارەت قىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا رەھمەت ئېيتتى.