سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ئاشكارىلاندى

سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ئاشكارىلاندى

22-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى گۇاڭشىغا سۈرگۈن قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسنى پارچىلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ياش قىز-ئوغۇللارنى ۋە ئەرلىرى تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئاياللارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان ئىدى.
سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئىككى پەرزەنتىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، گۇاڭشىغا سۈرگۈن قىلىنغان. گۇاڭشىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان بۇ ئايال سىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىككى يۈرەك پارىسىنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇنى ۋەتىنى ۋە ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىپ، ئۇنىڭ بارلىق خۇشاللىقىنى تارتىۋالغانلىقىنى، ئۇنىڭ نەقەدەر ئازاب ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى يىل ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىدىن 2417 كىشىنى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغان. شۇنداقلا يەنە ئۇچتۇرپاندىن 3000 كىشىنى ئۇزۇن يىللىق سۈرگۈن قىلىشنى، 10000 كىشىنى پەسىل خاراكتېرلىك سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1147 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2019 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق