ئامستېردامدا شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنى 15-نويابىر گوللاندىيەنىڭ ئامستېردامدا باشلاندى.
مۇھاكىمە يىغىنىنى گوللاندىيە تۈرك-ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىدى.
يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامستېردامدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش كونسۇلى، دىنىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى، ئامستېردام ۋەكىللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، بىر تۈركۈم تۈرك خەلقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، دولقۇن ئەيسا ۋە دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇھاكىمە سۈپىتىدە ئومۇملاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويدى.