خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا تەييارلىق قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش، چېگرانى مۇداپىئە قىلىش» باھانىلىرى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى چۆچۈتۈش-2025» نامىدا چوڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مانېۋىر 28-ئاپرېل ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى، چېگرا قىسىملىرى، دىۋىزىيە قىسىملىرى قاتارلىقلاردىن 4000 ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان. ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە قورچاق ئەمەلدارلار مانېۋىرنى كۆرۈشكە قاتناشقان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ بىر نەچچە نۇقتىدىن دىققەت تارتىدىغانلىقى، جۈملىدىن كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشكەنلىكى، شۇنداقلا چەت ئەلدىن كىرگەن ئاتالمىش «تېررورلۇق كۈچلىرى»دىن مۇداپىئەلىنىش تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
بۇ قېتىملىق مانېۋىردا خىتاي چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا نۇقتىلىق مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىرلەشمە چېگرا تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش، قولغا ئېلىش، بىرلەشمە قورشاۋ، چېگرا توسۇش ۋە چېگرا ھالقىشنى بىر تەرەپ قىلىش، تاغنى قورشاش قاتارلىقلارنى مەشىق قىلغان.
خەۋەردە بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئىكەنلىكى، شۇڭا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغاندىن سىرت، خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ھەمدە «سىرتتىن كىرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى»نىڭ خەۋپىدىن قاتتىق قوغدىنىش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى «ۋاشىنگتون ئىنستىتۇتى» 17-ئاپرېل بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەد رېجىمىنى ئاغدۇرۇشتىكى رولى، بىر نەچچە ئۇيغۇر قومانداننىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئوفىتسېرلىققا تەيىنلىنىشى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى شەكسىز كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى ۋە خىتاينىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش»كە قەسەم قىلغانلىقى ئىلاۋە قىلىنغانىدى.