خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە قارشى زۆرۈر قانۇن، تەدبىرلەر يولغا قويۇلمىغانلىقتىن، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توسالغۇسىز ھالدا ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە توشۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە 2025-يىللىق (خىتاي) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە سودىگەر چاقىرىش ۋە كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلىش ئىشلىرى باشلانغان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 27-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە بۇ يىللىق (خىتاي) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلغان. مەزكۇر كۆرگەزمە 26-ئىيۇن باشلىنىدىكەن.
مەزكۇر خەۋەردە ھازىرغىچە خىتايدىكى 3000دىن ئارتۇق شىركەت-كارخانا بىلەن ئالاقە ئورنىتىلغانلىقى، چوڭ تىپتىكى شىركەت، گۇرۇھلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى، 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ قوللاش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى شىركەت، ئورگانلارنىڭمۇ كۆرگەزمىگە ماسلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي بۇ كۆرگەزمىگە ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، 80 نەچچە دۆلەتنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىغا تەكلىپ ئەۋەتكەن ھەمدە بېيجىڭدا 13 دۆلەتنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ سودا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتنىڭ سودا-سانائەت تارماقلىرى ۋە سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقى ئېنىق بولغان.
خەۋەردە بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە دىققەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاسىيا، ياۋروپا، غەربكە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغاندىن سىرت، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇندىن باشقا، ئوخشاش مەزگىلدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ھازىرغا قەدەر، پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ھەققىدە ئېنىق بىر قانۇن يولغا قويۇپ، ئالاقىدار شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزگەن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتىنى چەكلىگەن. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قارار ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئومۇمىي خاراكتېرلىك بۇ قاراردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كونكرېت بېكىتىلمىگەن. باشقا دۆلەتلەردە بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ھۆكۈمەت كۈنتەرتىپى قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالالمىغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىگە داۋاملىق ئاقماقتا.