خىتاي سودا سۆھبىتىگە ئالدىراۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى

خىتاي نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىدا «ئامېرىكىغا قىلچە باش ئەگمەي، ئاخىرىغىچە تۇتىشىدىغانلىقى» ھەققىدە جار سېلىۋاتقان ۋە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشمىگەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا بارغان سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئالدىنقى ھەپتە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ باسقۇچنىڭ تاماملىنىشىغا بىر نەچچە ھەپتە كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.

ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى ئىنكار قىلغان. باياناتتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تاموژنا بېجى توغرۇلۇق ھېچقانداق سۆھبەتلىشىش ياكى كېڭىشىش بولمىغانلىقى، كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ئاتالمىش «جەڭ بۆرىسى دىپلوماتىيەسى»گە ئاساسەن، ئامېرىكىغا باش ئەگمىگەنلىكىدەك ئوبراز تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا كىرىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كورىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان.

كورىيەنىڭ مەركىزىي كۈندىلىك گېزىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا كېلىشىمى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرى 24-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. كورىيە مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. مۇخبىرلار تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سۈرەتكە تارتىشقا تىرىشقاندا، خىتاي خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. خىتايلار يەنە مۇخبىرلاردىن بارلىق سۈرەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بارلىق ئامېرىكا ماللىرىغا %125 باج قويغان خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىدىن جىمجىتقىنا باج كەچۈرۈم قىلغان. مەزكۇر مەھسۇلاتلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىسى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئاۋىياتسىيە زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، خىتاي باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋالالمايدىغان مەھسۇلاتلار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 141 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2025 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق