خىتاي ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارادا داۋاملىق ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان پاختا مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. ھالبۇكى، خىتاي ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق بۇ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا. يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەنگەن بىر «ھۆججەتلىك فىلىم» خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارمىقىدىكى مەركىزىي ئاخبارات ھۆججەتلىك فىلىمى ئىستۇدىيەسى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن «يەردىكى بۇلۇتلار»  ناملىق ساختا تەشۋىقات خاراكتېرلىك ھۆججەتلىك فىلىم 7-ماي خىتايدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلىدىكەن.

مەزكۇر فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن كەنت ئاھالىسى فىلىم كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈشى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىدىكى ھىيلىگەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭق چىقارغانلىقى، «خىتاي ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى» دەپ نامى بارلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر ساختا تەشۋىقات فىلىمىدە خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى پەردازلاپلا قالماي، يەنە ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىمۇ بازارغا سالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىلىمدە بىر ئۇيغۇر ۋە بىر خىتاي ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پاختا يىغىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە پاختا يىغىدىغانغا ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش، ئادەم يارىلىنىش، توختىماي يامغۇر يېغىش قاتارلىق تۈرلۈك تاسادىپىيلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، ئىككى ئائىلىنىڭ بىر يىللىق جاپالىق ئەمگىكى، ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى قانائەتلىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئىزچىل ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللارنى تاموژنىدا تۇتۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرى، سېتىش سۇپىلىرىلا ئەمەس، خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارمۇ بۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھازىرغا قەدەر جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا ۋە تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن كۆز بوياشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 159 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2025 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق