شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ قايتقان ئۇيغۇرنىڭ بايانلىرى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، ئۇ ۋەتەن زىيارىتىدە كۆرگەنلىكىنى، ھېس قىلغانلىرىنى دوستىغا بايان قىلغان.

مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى نامەلۇم بولۇپ، سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر پېنسىيونېر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئۇ يېقىندا ۋەتەنگە قايتىپ بىر نەچچە ئاي تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ جەرياندىكى ھېس تۇيغۇلىرىنى «خۇددى بىرى گېلىمنى بوغۇۋالغاندەك، كۆزۈمنى توسۇۋالغاندەك، قۇلىقىمنى ئېتىۋالغاندەك» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىگەن.

ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر رېستورانلارنىڭ ھەشەمەتلىك بولسىمۇ، ئۇيغۇر پۇرىقىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقىنى، مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، كوچىلاردا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىياتچىلىقنىڭ پۈتۈنلەي ئۆلگەنلىكىنى، مىللەتپەرۋەر، ۋىجدانلىق، بىلىملىك شەخسلەرنىڭ كۆزدىن يوقىتىلغانلىقىنى، ھايات قالغانلىرىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئېچىنغان ھالدا تىلغا ئالغان.

مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ مەيلى قايسى جايغا بارمىسۇن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئارتۇقچە سۆز قىلماسلىقنى ئىشارەت قىلىپ تۇرغان. كوچىدىكى كىشىلەرمۇ بىر-بىرىگە سالام قىلىشتىن، پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن. ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئەتراپىغا توسۇق، بىرونېۋىكلار قويۇلۇپ، ئەسكەرلەر، ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنىدىكەن.

ئۇ ئۈرۈمچىدە يەنىلا ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇددى جېنى يوق، روھى يوق، پىكرى يوق كۆلەڭگىلەرگىلا ئوخشايدىغانلىقىنى، بۇ كۆرۈنۈشلەر چۆچەكلەرنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ئاۋاز ھۆججىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋاتسئەپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا كۆپلەپ تارقىلىپ، ۋەتەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىلىشكە قىزىقىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ بايانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، رېئال ئەھۋالنىڭ بۇ بايانلاردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېڭىچە ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاز بىر قىسىم تاللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش، يەنە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشتەك يېڭىچە ھىيلە-مىكىر بىلەن، جىنايەتلىرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئانالىزچىلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئۆلىمالار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ھەسسە قوشۇش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 257 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2025 10:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق