خىتاينىڭ نوپۇس كىرىزىسى بۇ يىلمۇ داۋاملاشماقتا

خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، نوپۇسنىڭ ئازىيىشى ۋە قېرىلىق نىسبىتىنىڭ زورىيىشىدىن ئىبارەت كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنى پەسىلدە خىتايلارنىڭ توي قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى تۇنجى پەسىللىك ئىستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلدە خىتايدا توي قىلىشقا تىزىملاتقانلار 1 مىليون 810 مىڭ بولغان. بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 159 مىڭ ئازىيىپ كەتكەن. ئاجراشقانلار بولسا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 57 مىڭ كۆپەيگەن.

ھالبۇكى، 2024-يىلى خىتايدا توي قىلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 45 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور ئازىيىش نىسبىتىنى ياراتقان بولۇپ، بۇ يىل تۇنجى پەسىلدە ئەھۋال بۇلتۇرقىدىنمۇ ناچار بولغان.

خىتاي نۆۋەتتە نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ياردەم، تەمىناتلار ئارقىلىق، خىتايلارنى بالدۇر توي قىلىشقا، بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇشقا، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا تەشۋىق قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش، تۇغماس قىلىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2025 10:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق