كورىيەدىمۇ بىر خىتاي جاسۇسى قولغا ئېلىندى

سېئۇل مەركىزىي رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى 25-ئاپرېل ​​بىر خىتاينىڭ كورىيەنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، ھەربىي ئاخباراتلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر خىتاينىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ خادىملىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدىن بۇ يىل مارت ئېيىغىچە كورىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر بىلەن بەش قېتىم ئالاقىلاشقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ھەربىي مەخپىيەتلىككە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان. مەزكۇر خىتاي 29-مارت دۆلەت ئارمىيەسى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، قولغا ئېلىنغان خىتاي توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق، كورىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار ۋە ئەسكەرلەر بىلەن بىرمۇ بىر ئالاقىلاشقان ۋە پۇلنى يەمچۈك قىلىپ، قارشى تەرەپنى ھەربىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا قىزىقتۇرغان. بۇ جەرياندا بىر ئەسكەر يانفونىنى ھەربىي قىسىمغا رۇخسەتسىز ئاپىرىپ، كورىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سۈرەتكە تارتقان ۋە بۇ سۈرەتلەرنى خىتاي جاسۇسقا ئەۋەتكەن.

تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، كورىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن، جاسۇسلۇق جىنايىتىنىڭ پەقەت دۈشمەن دۆلەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى، شۇڭا مەزكۇر خىتاي جاسۇس ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قانۇندا بۇ دېلوغا چېتىشلىق جاۋابكارلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئەيىبلەنگۈچى چەت ئەللىك بولسا، جازا بىر يېرىم ھەسسە ئېغىرلىتىلىدىكەن.

خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى جاسۇسلۇق جىنايەتلىرى يېقىنقى يىللاردا كۆپلەپ پاش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىي خادىمى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 152 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2025 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق