فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ كېلەر ئايدا فىلىپپىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىغا قول تىقىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
بۇ ھەقتىكى باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتاينىڭ بۇ يىل 12-مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامغاقول تىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئالامەتلەر بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەش پىرېزىدېنت فېردىناند ماركوسقا يەتكۈزۈلگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى فىرانسىس تولېنتىنو 24-ئاپرېل بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىخانىسىنى يەرلىك تىجارەت شىركىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتتە مەخپىي ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى قوزغاش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ ئالاقىدار توختام تەپسىلاتلىرى ۋە بانكىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ياللانما تور قوشۇنىغا ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ساختا ھېساب ئارقىلىق خىتاينى قوللايدىغان سۆزلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گو جياكۈن بولسا بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ: «خىتاي ئەزەلدىن ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بىز فىلىپپىن سايلىمىغا ئارىلىشىشقا قىزىقمايمىز» دەپ جار سالدى.
فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى 12-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسى، ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ۋە ئونمىڭلىغان يەرلىك ئەمەلدارلار سايلىنىپ چىقىدىكەن.
خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىش قىلمىشى ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، تور ھۇجۇمى قوزغاش، پارا بېرىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك نەتىجە چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ توغرىسىدا خىتاينى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەنىدى.