ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئېنېرگىيە شىركىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋەزىرى ئېدۋارد مىلىبەند بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزمەكتىكەن. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يېڭى شىركىتى «بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى»نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ دۆلەت بۇيرۇقى بىلەن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى» دېگەن.
«بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە شىركىتى» بۇلتۇر ئىيۇلدا يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئېنېرگىيە چىقىملىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئەمگەك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، «بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە قانۇن لايىھەسى» پارلامېنتتا ماقۇللانغاندىن كېيىن رەسمىي قۇرۇلىدىكەن.
خەۋەردە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ يەرشارىۋى تەمىناتىنىڭ %45 ىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى، شوخلا مەھسۇلاتلىرىدىن سىرت، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى مەھسۇلاتلىرىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىكى ئاساسلىق نىشانلاردىن بىرى بولماقتا.
ئىلگىرى BBC قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنى قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ JA Solar، Trina ۋە Qcells ئىكەنلىكىنى، ھالبۇكى، 2023-يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئېرىشكەن خام ئەشيانى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.