خىتاي ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي بىر تەرەپتىن ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىنى زورايتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى ھەرىكەتلىرى بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي پاكىستاننىڭ ئىككى نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى تاللاپ، خىتايغا ئەكېلىپ مەشىق قىلدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ قارار 23-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن «شېنجوۋ 20-نومۇر»لۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇقتۇرۇلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي بىلەن پاكىستان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتى باشلانغان. دەسلەپكى تاللاش پاكىستاندا، قايتا تاللاش ۋە بېكىتىش خىزمىتى خىتايدا بولىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى نەپەر پاكىستان ئالەم ئۇچقۇچىسى تاللىنىپ، خىتايغا كېلىپ مەشىققە قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

بۇلاردىن سىرت، ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى قېرىنداش شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالانغان.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيوف 22-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە خىتايغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، 23-ئاپرېل بۇ كېلىشىم ئىمزالانغان. خەۋەردە بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان. ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر كېلىشىم خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پەردازلىشىغا ھەسسە قوشقان بىر ھەرىكەت بولغان.

خىتاي تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭ تاكتىكىلىرى بىلەن، ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي، سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، مۇسۇلمان ئەللەرنى سۈكۈت قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 234 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2025 13:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق