قومۇل شەھىرىدە يەنە بىر ئالتۇن كان بايقالدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر ئالتۇن كان بايقالغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئالتۇن كانىنىڭ رۇدا مىقدارى 3 مىليون 672 مىڭ 100 توننا، ئالتۇن مىقدارى 5857.68 كىلوگىرام بولۇپ، ھەر توننا رودا تەركىبىدىكى ئالتۇن دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 40 گىرامغا يېتىدىكەن. بۇ ئالتۇن كاننىڭ كۆلىمى ئوتتۇرا تىپتىكى ئالتۇن كان قاتارىدا ئىكەن.

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى يېماچۈەن غەربىي كان رايونىنىڭ ئېچىش ھوقۇقى شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا بارلىق كان رايونلىرىغا ئوخشاش خىتاي شىركىتىگە بېرىلگەن بولۇپ، شىبۇ ئالتۇنچىلىقى قومۇل ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2016-يىلىدىن تارتىپ بۇ كان رايونىدا چارلاشنى باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىر قومۇل شەھىرىدە بايلىق مىقدارى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىق كېنىدىن 486 سى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مېتال بايلىقى مىقدارى 1 مىليون 240 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مېتال بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %64.2نى ئىگىلەيدىكەن.

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش جىنايىتىنى ھەرجەھەتتىن كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ،بۇ ھەرىكەتلىرىنى «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» ئىبارىسىگە باغلاپ تەشۋىق قىلماقتا ۋە پىلان، يوليورۇقلىرىنى بۇ ئاساستا داۋاملاشتۇرماقتا. 

بۇ خەۋەر 216 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2025 13:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق