تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (İHH) ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 22-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ ئارتۋىن ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلدى.
«سۈكۈتكە كۆمۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق: شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى يىغىن ئارتۋىن شەھەر مەركىزىدىكى ياشلار يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ ئارتۋىن شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرغان.
يىغىندا ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرىي شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر تارىخى، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت جىنايىتى ۋە نۆۋەتتە ۋەھشىيلەرچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.