ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بىر ئىستىخبارات ئانالىزچىسى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىك رۇخسىتىگە ئىگە ھەربىي خادىمى كوربېن شۇلتىز بۇلتۇر 3-ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ سىستېمىسى، ھەربىي تاكتىكىسى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خىتايغا تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن. كېيىن ئۇ بۇ جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇلتىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ۋە ئاشكارىلاش، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقا دۆلەتكە رۇخسەتسىز تەمىنلەش، خادىملارغا پارا بېرىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
23-ئاپرېل مەزكۇر ھەربىي خادىمغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جىنايەتلىرى ئۈچۈن يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كاش پاتېل (Kash Patel) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ھۆكۈم دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرگە شۇنى ئېنىق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيسىز» دېگەن.
ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇلتىز خوڭكوڭدا ياشايدىغان، خىتاي رېجىمى بىلەن ئالاقىسى بولغان بىر كىشىگە ئامېرىكىنىڭ ئون نەچچە سەزگۈر ھەربىي ھۆججىتىنى سېتىپ بەرگەن. مەزكۇر ھەربىي ھۆججەتلەر ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى، تەيۋەننى قوغداش، كورىيە ۋە فىلىپپىندىكى ھەربىي مانېۋىر قاتارلىق مەسىلىلەرگە، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك ھەربىي سىستېمىسىغا ئالاقىدار ئىكەن.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاينىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئالاقىدار شەخسلەر ئارقا-ئارقىدىن پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، جاسۇسلۇق تورى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىدىن تارتىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغىچە تۇتاشقان.