ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە رەئىسى كېنېس روس 22-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ داڭلىق نەشر ئەپكارى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى جىنايىتىنى نىشان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
كېنېس روس ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي تىلغا ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن سىرت، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق نازارەت سىستېمىسى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، دىنىي باستۇرۇش، ئۆلىما، زىيالىيلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، نوپۇس چەكلەش، خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش... قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى بايان قىلغان.
كېنېس روس ئالدىنقى نۆۋەتلىك تىرامپ دەۋرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، بايدېن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ سۇنۇلۇشىدا نۆۋەتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ تىرامپنىڭ ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە پەرۋاسىز قارىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ شى جىنپىڭغا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇشنى «دەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىش» دەپ ئېيتقانلىقىنىڭ خەۋەر قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
كېنېس روس باشقا دۆلەتلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتىنى چەكلەشكە ئالاقىدار سىياسىتى بار ئىكەنلىكىنى، ئەمما مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ھەققىدە قارار يوقلۇقىنى، بۇ سەۋەبلىك 2022-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپاغا كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ %30 تىن ئارتۇق كۆپەيگەنلىكىنى، شۇڭا تىرامپ ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە شۇنداقلا ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەش ھەققىدە بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
كېنېس روس ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تىرامپنىڭ سودا ئۇرۇشىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى نىشان قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا نىسبەتەن قوش غەلىبە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇ بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئەرزان باھالىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتەك ئادالەتسىز رىقابىتىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.