شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن گېرمانىيەنىڭ داڭلىق خىمىيە سانائىتى شىركىتى BASF شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەردىكى پېيىنى سېتىشنى تاماملىغان.
گېرمانىيە شىركىتى BASF ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن كۆپلەپ تەنقىدكە ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان بولۇپ، شىركەت بۇلتۇر 2-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، مەزكۇر شىركەتلەردىكى پېيىنى ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
BASF شىركىتى 22-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا كورلىغا جايلاشقان ئىككى خىتاي شىركىتىدىكى پېيىنى سىنگاپور Verde خىمىيە گۇرۇھىغا سېتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما سېتىپ بېرىش سوممىسىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
ئالدىنقى يىللاردا گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى BASF شىركىتى ھەمكارلاشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن BASF شىركىتى كۈچلۈك بېسىم ۋە تەنقىدكە دۇچ كەلگەنىدى.
بۇلاردىن سىرت، گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ماگناتى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىمۇ ئەڭ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان خەلقئارالىق شىركەتلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر شىركەت بۇلتۇر 11-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى تارماق زاۋۇتىنى ۋە تۇرپاندىكى سىناق يولىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا تۈرلۈك ساھەلەرگە چېتىشلىق كۆپلىگەن چەت ئەل شىركەتلىرى تىجارەت قىلىۋاتقان، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكلاتلار بۇ جىنايەتلەرنى بىر-بىرلەپ پاش قىلماقتا.