ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە قوشۇنىدا ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئارقىمۇ ئارقا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، يەنە خىتايلارنىڭ رۇسىيەدىكى ئادەمسىز ھاۋا ئاپپاراتى (Drone) ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، زېلېنسكى 22-ئاپرېلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، زېلېنسكىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار باياناتلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئەيىبلەشلەرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنى خىتاي ئەلچىسىگە تاپشۇرغان.
ھازىرغا قەدەر، خىتاي ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى، رۇسىيەنى قورال-ياراغ ۋە ئىلغار تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئەكسىچە ئۇكرائىنانىڭ خىتاينى ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.