تىرامپ خىتايغا قويۇلغان باجنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ سودا سۆھبىتىدە خىتايغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالىسا، تاموژنا بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، ئەمما نۆلگە چۈشۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ سودا سۆھبىتىدە شى جىنپىڭغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي ۋىرۇسى مەسىلىسىنى تىلغا ئالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر تېما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تىرامپنىڭ سۆزلىرى ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە خىلمۇ خىللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا

خىتاينىڭ كۆپىنچە ماللىرىغا %145، ئايرىم مەھسۇلاتلىرىغا %245 باج يولغا قويغان. خىتاي بولسا بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ماللىرىغا قويۇلغان باجنى %125 كە چىقارغان.

تاموژنا بېجى خىتايغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلەر بېسىلىپ قالغان ئېكسپورت ماللارنى خىتاي ئىچىدە سېتىش ئارقىلىق، كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتىكەن.

بۇ خەۋەر 181 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2025 17:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق