خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆز بوياشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىنلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئايدىكى بىر يىغىنىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېسىم قانۇن مۇنبىرى 25-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مۇنبەرنى خىتاي خەلقئارا ئىقتىساد-سودا كېسىم كومىتېتى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.

مۇنبەرگە 26 دۆلەت ۋە رايوندىن يۈزگە يېقىن چەت ئەللىك مېھمان قاتنىشىدىغان بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، كېسىم چىقىرىش قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يىغىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق يىغىننى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى غەرىزى ئاشكارىلانغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم چەت ئەللىك مېھمانلار ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا يېرىم كۈن ئاتالمىش «تەكشۈرۈش پائالىيىتى» ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئالاقىدار ئەمەلدارلار بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»كە كۈچ قوشىدىغانلىقىنى، خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خەلقئارالىق يىغىن ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش، ساختا تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

خىتاي بۇلتۇر 7-ئايدىمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئەسكەر ۋە ساقچى قىسىملىرى قاتناشقان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنىدى.

بۇ خەۋەر 77 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2025 13:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق