چىلىدا بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر 21-ئاپرېل خىتاي مەبلەغ سالغان، قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بىر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بېسىپ كىرىپ، نەچچە ئونلىغان يۈك ماشىنىسى ۋە ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرگە ئوت قويۇۋەتكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىلىدىكى Rucalhue سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن 350 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، خىتاي خەلقئارا سۇ ۋە ئېلېكتىر شىركىتى قارمىقىدىكى Rucalhue ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇشقا مەسئۇل ئىكەن.
يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق كىشىلەر زاۋۇتقا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، قوغدىغۇچىلارغا تەھدىت سالغان، ئاندىن زاۋۇتتىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئوت قويۇۋەتكەن. بۇ جەرياندا 45 يۈك ماشىنىسى ۋە ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىدىن بەشى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
مەزكۇر ئېلېكتىر ئىستانسىسى چىلىنىڭ ئاساسلىق دەريالىرىنىڭ بىرى بولغان بىيوبىيو دەرياسى بويىغا جايلاشقانىكەن. يەرلىك خەلق بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىتقا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ چىلىدىن خىتاي مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىزچىل تۈردە نارازىلىق قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش، مۇھىت بۇلغاش، يەرلىك ئاھالىنىڭ ھاياتىنى قالايمىقان قىلىش، يەرلىكلەرنىڭ ئورنىغا خىتاي ئىشچىلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا، ھەتتا قوراللىق ھۇجۇم، توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولماقتا.