دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئالدىرىشى خىتاينى بىئارام قىلماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان نىسبەتتە باج قويۇشى دۇنيا ئىقتىسادىغا داۋالغۇش ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئالدىرىغان. بۇ ئەھۋال خىتاينى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە 70 نەچچە دۆلەت بىلەن تاموژنا بېجى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىغا چەك قويۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 21-ئاپرېلدىكى باياناتىدا بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، خىتاينىڭ ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەدبىرلىرىگە قارشى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، بېسىمنى ئازايتىشقا ئالدىرىغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ۋىيېتنام، مالايشىيا ۋە كامبودژانى زىيارەت قىلغان. گەرچە مەزكۇر ئۈچ دۆلەت شى جىنپىڭنى ئالاھىدە كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، ۋىيېتنام يەنىلا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە، بۇ ئارقىلىق تاموژنا بېجى كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشكە قاتتىق تەييارلىق قىلماقتىكەن. تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋىيېتنامغا %46 لىك يۇقىرى باج قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە ۋىيېتناممۇ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش 90 كۈنگىچە پەقەت %10 لىك باج تاپشۇرىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ، خۇسۇسەن خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ۋەزىيەت خىتاينى بىئارام قىلماقتىكەن.

بۇ خەۋەر 86 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2025 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق